UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن لىفت ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن لىفت ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن ئېگىز بىنالارغا لىفت ئورنىتىلغان. كىشىلەر كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىلا، لىفت ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۇنىڭدا بىناغا ھەم تېز، ھەم كۈچىمەي چىققىلى بولىدۇ. لىفتنىڭ ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، لىفتقا مىكرو كومپيۇتېرلىق كونتروللىغۇچ ئورنىتىلغان، ئۇنىڭغا ئالدىن تۈزۈپ تەييارلانغان كونترول قىلىش پروگراممىسى كىرگۈزۈلگەن، ئۇ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىغا تەقلىد قىلغان ھالدا خىزمەت قىلالايدۇ. لىفت خىزمەت قىلغاندا، مىكرو كومپيۇتېرلىق كونتروللىغۇچ لىفت ئىچى ۋە ھەر قايسى قەۋەتتىكى بولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەل ۋاقتىدا قوبۇل قىلالايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، لىفتنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلىنىشىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. لىفت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشتە، ئىشىك يېپىلىشتىن بۇرۇن ئېغىرلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەن - كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر <ئېغىرلىق ئېشىپ كەتسە> دەرھال سىگنال بېرىپ، كېيىن چىققان كىشىلەرنى لىفتتىن چۈشۈپ كېتىشكە ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئېغىرلىق نورماللاشقاندىلا لىفت ئىشىكىنى يېپىپ، يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. لىفت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋېتىپ، ھەر بىر قەۋەتكە كەلگەندە چۈشىدىغانلارنىڭ ۋە چىقىدىغانلارنىڭ بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر بار بولۇپ قالسا توختايدۇ. بولمىسا، توختىماي ئۈستۈنكى قەۋەتكە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. لىفت پەسكە چۈشكىچىمۇ ئاساسەن يۇقىرىقىدەك خىزمەت قىلىدۇ. مىكرو كومپيۇتېرلىق كونتروللىغۇچ لىفتنىڭ ئاپتوماتىك ھەرىكەت قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇ لىفت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، لىفتنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ھەرىكەتلىنىشىگە قوماندانلىق قىلىپ، كېچە - كۈندۈز مۇلازىمەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە