UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئوزۇقلىنىشى ناچارلىق دېگەن نېمە؟

ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە (ياكى) ئاقسىل كەمچىل بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئوزۇقلۇق كەملىك كېسىلى بولۇپ، بوۋاق، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. كېسەللىنىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىمۇ بىر ئاز يۇقىرى. بەدەن ئېغىرلىقى ئارتماسلىق ئەڭ دەسلەپتە كۆرۈلىدىغان ئالامەت بولۇپ، كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، تېرە ئاستىدىكى ماي ئازلايدۇ. دەسلەپتە قورساقتىكى تېرە ئاستى مېيى ئاندىن گەۋدە، كاسا، پۇت - قول ئەڭ ئاخىرىدا يۈز قىسمىدىكى تېرە ئاستى مېيى ئازلايدۇ. ئوزۇقلىنىشى ناچار بولۇش ئېغىرلاشقاندا خۇددى قېرى ئادەمدەك پېشانىدە قورۇق پەيدا بولىدۇ. ئېگىزلىكى نورمال ھالەتتىن كۆرۈنەرلىك پاكار بولىدۇ، ئىشتىھاسى ناچارلاش، روھىي چۈشكۈنلىشىش، تېرىسى ئاقىرىش، قۇرغاق، ئېلاستىكىلىقى يوق، مۇسكۇل يىگلەش، ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار ھەمدە قان زەردابىدىكى ئاقسىل مىقدارى تۆۋەنلەشتىن سۇلۇق ئىششىش كۆرۈلىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە