نېمە ئۈچۈن ATM ماشىنىسى ئاپتوماتىك ھالدا پۇل چىقىرىپ بېرەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى بانكا ۋە چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرىدا خېرىدارلار خالىغان ۋاقتىدا پۇل ئالالايدىغان ئاپتوماتىك پوكەي تەسىس قىلىنغان، ئۇ ATM ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ATM ماشىنىسى بانكىنىڭ ئامانەت پۇل خادىمىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىسمى - جىسمىغا لايىق <ئېلېكترونلۇق كاسسىر> دۇر. بۇنداق ماشىنا بولسىلا، نەرسە سېتىۋالغىلى چىققاندا نۇرغۇن نەق پۇل ئېلىپ يۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى بۇ ماشىنا ئارقىلىق خالىغان چاغدا پۇل ئېلىپ ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلايلىق.
ATM ماشىنىسىنىڭ پۇل چىقىرىپ بېرىش جەريانىنى كوميۇتېر كونترول قىلىدۇ. ATM ماشىنىسى ئاساسلىقى مىكرو كومپيۇتېر، كارتا ئوقۇش ماشىنىسى، پۇل چىقىرىپ بېرىش ماشىنىسى قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى مىكرو كومپيۇتېر تور ئارقىلىق بانكىنىڭ كومپيۇتېردا كونترول قىلىش سىستېمىسىغا ئۇلانغان.
ATM ماشىنىسىدىن پۇل ئالماقچى بولغانلار ئاۋۋال كرېدىت كارتىسى بېجىرىشى كېرەك. كرېدت كارتىسى ماگنىتلىق كارتا بولۇپ، ئۇنى ATM ماشىنىسىغا سالغاندا، ئوقۇش ماشىنىسى دەرھال ماگنىتلىق لېنتىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ، كرېدت كارتىسىنى ئىشلەتسە بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر كارتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ياكى ساختا كارتا بولسا، كارتىنى قايتۇرۇپ چىقىرىۋېتىدۇ، ياكى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر كارتىنى ئىشلەتكىلى بولسا، تور ئارقىلىق بانكىدىكى كومپيۇتېردىن ھېسابات نومۇرىنى ئاختۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئۇ مەخپىي شىفىر ۋە ئالماقچى بولغان پۇلنىڭ سانى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بارلىق مەشغۇلات توغرا بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا پۇل چىقىرىپ بېرىش ماشىنىسى پۇل بىلەن بىللە ھېسابات تالونىنى چىقىرىپ بېرىدۇ ھەمدە كرېدىت كارتىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.