UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن غايىبانە مەنزىرە پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن غايىبانە مەنزىرە پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەر يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا، دېڭىز ياقىسى ياكى قۇملۇقلاردا بەزىدە ئاجايىپ مەنزىرىلەر پەيدا بولىدۇ: ئاسماندا شەھەر - بىنالارنىڭ سېيماسى كۆرۈنۈپ دەرھال غايىپ بولىدۇ، ھەتتا تېخى ئاپتوموبىل، پاراخوت، پىيادە كېتىۋاتقان ئادەم قاتارلىقلارنىڭ شەكلى كۆرۈنىدۇ. مانا بۇلار كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغان <ئېزىتقۇ> دىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، بۇ نۇرنىڭ سۇنۇشىدىن كېلىپ چىققان بىر خىل ئالاھىدە ھادىسە، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىدا جىددىي ئۆزگىرىش بولغاندا ئاتموسفېرا زىچلىقىدىمۇ ناھايىتى زور پەرق پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا نۇرنىڭ تارقىلىشى داۋامىدا يىراق جايدىكى جىسىملار ئادەتتىن تاشقىرى ھالدا سۇنىدۇ ۋە ئەكسىگە قايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن غايىبانە مەنزىرە پەيدا بولىدۇ. ئاستىنقى ئاتموسفېرا زىچلىقى چوڭىيىپ، ئۈستۈنكى ئاتموسفېرا زىچلىقى كىچىكلىگەن چاغدا، خىيالىي مەنزىرە رېئاللىقتەك تۈسكە كىرىپ، يۇقىرى كۆرۈنۈشلۈك غايىبانە مەنزىرە بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇنداق مەنزىرە ھەمىشە دېڭىز بويلىرىدا ياكى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان جايلاردا پەيدا بولىدۇ. ئاستىنقى قاتلام ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى كىچىكلەپ، ئۈستۈنكى قاتلام ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى چوڭايغاندا، خىيالىي مەنزىرە ئالدى تەرەپتىكى ئۇپۇق سىزىقىدا خۇددى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك كۆرۈنۈشتە پەيدابولۇپ، تۆۋەن كۆرۈنۈشلۈك غايىبانە مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، بۇنداق مەنزىرە كۆپىنچە قۇملۇق رايونلاردا كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، شەرق تەرەپتىكى ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىدا بىر پاراخوت بولسا، كىشىلەر ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا ھاۋانىڭ ئاستى زىچ، ئۈستى شالاڭ بولۇشتەك پەرق بىر قەدەر چوڭ بولسا، پاراخوتتىن كەلگەن نۇر زىچ ھاۋا قاتلىمىدا سۇنۇپ شالاڭ ھاۋا قاتلىمىغا كىرىدۇ ھەمدە ئۈستۈنكى قاتلامدا تولۇق ئەكسىگە قايتىپ، يەنە سۇنۇپ تۆۋەنكى زىچ ھاۋا قاتلىمىغا كېلىدۇ، مۇشۇنداق ئەگرى - توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي سىياقىنى كۆرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە