نېمە ئۈچۈن بەزى تانكىلار ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى دەپ ئاتىىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
جەڭگاھتا، ئۇدۇلدىن جەڭ قىلىشنى ئاساس قىلغان تانكىلار ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتۈش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ.
ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى بولۇش ئۈچۈن، مۇئەييەن شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك. ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىنىڭ ئوت كۈچى قۇدرەتلىك بولۇشى كېرەك. ئاساسىي زەمبىرىكىنىڭ دىئامېتىرى 001 مىللىمېتىردىن چوڭ بولۇپ، 400 - 600 مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى برونې (پولات قاپ) نى تېشىپ ئۆتەلەيدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بورونې تېشەر ئوق، برونې بۆسەر ئوق ۋە برونې يارغۇچى ئوقلارنى ئاتالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئاساسىي ئورۇش تانكىسىنىڭ ئاساسىي زەمبىرىكى مۇشۇنداق قۇدرەتلىك ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، بۇ تانكىلارغا تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنمەيدۇ، بۇنى زامانىۋى كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ھەربىي پاراخوتلارغا ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر سەپلەنگەن ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، مۇئەييەن پەرقلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىمۇ ئادەتتىكى تانكىلاردىن كۆپ كۈچلۈك. ئۇنىڭ برونېسى قېلىن ھەم پۇختا بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭىچە يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى، پارتلاشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغان ۋە ئاكتىپ مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇلاردىن سىرت، ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى يەنە پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ھەرىكەتچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، تېز قوزغىلالايدىغان، تېز يۈرىدىغان، ئەپچىللىك بىلەن بۇرۇلالايدىغان، تىك داۋانلارغا چىقالايدىغان، توسالغۇلار، دەريا - ئۆستەڭلەردىن بىمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان، ھەر خىل جەڭگاھلارنىڭ شارائىتىغا ماسلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك، مۇشۇ ئۆلچەملەرگە يەتكەندىلا، جەڭگاھلاردا يېتەرلىك قارشىلىشىش كۈچى ھازىرلىغان ئاساسىي ئۇرۇش تانىكىسى بولالايدۇ.
ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىغا ئادەتتە ئۈچ - تۆت ئادەم چىقىدۇ. ئۇنىڭ زەمبىرىكى توم، برونېسى قېلىن بولغاچقا، سىرتىدىن بىر قەدەر كېلەڭسىزدەك كۆرۈنىدۇ. تونناژى ئادەتتە 40 - 60 توننا بولۇپ، ئېغىر تىپتىكى ياكى ئوتتۇرا تىپتىكى تانكا قاتارىغا كىرىدۇ. نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى ئەنگىلىيىدە ياسالغان <ئېلىشقۇچى> ناملىق تانكا بولۇپ، ئېغىرلىقى 62 توننا كېلىدۇ، سائەتلىك تېزلىكى 56ىلومېتىرغا يېتىدۇ.