UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكالا سۈتى قانچە تاتلىق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

كالا سۈتى قانچە تاتلىق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن كالا سۈتىگە شېكەر قوشۇشنىڭ سەۋەبى كالا سۈتى تەركىبىدىكى قەنتنىڭ مىقدارى ئانا سۈتىگە قارىغاندا ئازراق، شېكەر قوشۇش ئارقىلىق سۈت تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن شېكەرنى چوقۇم بەلگىلىك مىقداردا قوشۇش، ئادەتتە 001 مىللىلىتىر سۈتكە بەش ~ سەككىز گرام شېكەر قوشۇلسا مۇۋاپىق. ئەگەر شېكەرنى بەك كۆپ قوشۇۋەتسە بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قىلچىلىك پايدىسى يوق. بوۋاق قەنتنى كۆپ قوبۇل قىلىشتىن مۇسكۇل ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىسى بوشاپ جانسىز بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئىنتايىن سېمىز كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا كېسەللىك باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق ناچار بولۇشنى ھەمدە شېكەرنىڭ بەدەندە ساقلىنىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىدىن بوۋاقتا ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي يەنە ئىچى سۈرۈش، چىش چىرىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەتەرلىك ئامىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارغا كالا سۈتى بەرگەندە شېكەرنى بەك كۆپ سېلىپ بەرمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە