UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيى ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيى ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قۇياش نۇرىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىل نۇر بولۇپ، ئۇ ئولتىرا بىنەپشە نۇر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئادەم تېرىسىگە ھەددىدىن زىيادە چۈشسە تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى بۇزۇپلا قالماي، ئېغىر بولغاندا يەنە تېرى راكى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا نۇرغۇن جايلاردا ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بەرگەندە ئەتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ مۇۋاپىق تۈردە ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيى سۈرتۈپ تېرىنى ئاسراشنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالىدۇ. ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيىغا ئاساسلىقى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قايتۇرىدىغان ۋە قوبۇل قىلىۋالىدىغان ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچ قوشۇلغان. دەسلەپتە ئىشلەنگەن ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيىغا سىنك ئوكسىد، تىتان دىئوكسىد، تالك پاراشوكى ۋە چىنە توپىسى قوشۇلۇپ ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچ قىلىنغان. ئۇلار گەرچە بەلگىلىك ئۇلترا بىنەپشە نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر قىسم ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيىدىن ئۆتۈپ تېرىگە كىرىدىغانلىقى بايقالغان. كېيىن كىشىلەر يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسىدىن چىقىرىلغان ماددىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. مەسىلەن، تەرخەمەكتىن چىقىرىلغان ماينى گىرىم بۇيۇملىرىغا قوشۇپ ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېيى ئىشلەپ چىقىرىلغان. ئالىملار ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۆسۈملۈكلەردىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر قوبۇل قىلىدىغان ماددىدىن بىر قىسم ئورگانىك خىمىيىلىك بىرىكمىلەرنى بىرىكتۈرگەن، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇر قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. مەسىلەن، ئېتىل پارائامىنوبېنزوئات دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، تېرىگە بارغان 99% ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قوبۇل قىلىۋالغان، نەتىجىدە، ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە