UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاق تۇغۇلامدۇ؟

ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاق تۇغۇلامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش ئەڭ ياخشىسى ھامىلە يېشى 15 ~ 20 ھەپتە بولغاندا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك، قاننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەخمىنەن بىر - ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇققىلى بولىدۇ. ئەگەر دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا، خەتەرلىك نىسبىتى 1/270 ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا باش سۈيىنى تېشىش ئوپېراتسىيە تەجرىبىسى قىلىپ، دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈش نەتىجە نىسبىتى 70%~80% ئەتراپىدا بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلار <ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش نورمالمۇ - ئەمەسمۇ؟> دەپ سورىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تەكشۈرۈش <خەتەرلىكمۇ - ئەمەسمۇ؟> دەپ ھېسابلىنىدۇ، <نورمالمۇ - ئەمەسمۇ؟> دەپ ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا ھېسابلاش ئارقىلىق پەقەت ھامىلىنىڭ دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەگەر راستتىنلا جاۋابىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا باش سۈيىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى قىلىش كېرەك. ئەگەر قاننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ خەتەرلىك نىسبىتى ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولسا ( 1/270 دىن يۇقىرى) ھامىلىنىڭ دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. تەخمىنەن 1/4 دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدە سۈزۈپ تەكشۈرۈپ بىلىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھامىلىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بالدۇرراق بايقىغان ياخشى. ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، بارلىق ھامىلىدار ئاياللار باش سۈيىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى قىلماسلىقى كېرەك. بىراق ھەربىر ھامىلىدار ئاياللار ھەپتە دائىرىسىدە، ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈشنى <ئويلىشىپ> باقسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە