UyghurWiki
UyghurWikiنەمەياز پەسلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىسسىقئۆتۈپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ياز پەسلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىسسىقئۆتۈپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھەربىر ئاتا - ئانا بالىسىغا ھەسسىلەپ كۆيۈنىدۇ. تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە خەلق ئارىسىدا يەنىلا دېرىزىنى ھىم ئېتىپ، يوتقاننى ئاچمايدىغان ئادەت بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سالامەتلىكنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن قورقىدۇ. ھالبۇكى، ياز كۈنلىرى بەك ئىسسىق ساقلاش ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قاتتىق ئىسسىقتىن قانداق بىخەتەر ئۆتكۈزۈش كېرەك؟ ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى قايسىلار؟ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېنى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقتىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارىنى تاشقى دۇنيا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ھەر ۋاقىت ئۈنۈملۈك تەڭشىيەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تېرە تەر بەزلىرىمۇ چوڭلارنىڭكىدەك تەرەققىي قىلمىغان، شۇڭا بەدەننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنرەك ھەم يەنە ئۆي تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، كىيىم - كېچەكلەرگە چىڭ ئوراغلىق بولغاچقا تېخىمۇ ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاساسلىقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش، ئاۋۋال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى بەك مەھكەم ئورىۋالماسلىق، ياز كۈندىكى كىيىم - كېچەكلىرى نېپىز بولۇش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇرىدىغان ئۆينى شامالدىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش. ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولغاندا ئېلېكترونلۇق شامالدۇرغۇچ ياكى مۇز پارچىسى ئىشلىتىپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، پەقەت شامالنىڭ بوۋاقنىڭ بەدىنىگە بىۋاسىتە توغرىلانماسلىقىغا دىققەت قىلسىلا بولىدۇ. بورا تۆشەكتە ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر ئاز ئۈنۈملۈك، لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا، بورا ئاسانلا جىجىۋېتىدۇ. شۇڭا بورىنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت كىرلىك ياكى يۇمشاق رەخت سېلىش كېرەك. مەيلى قانداق ئىسسىق ساقلاش ياكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىتىن قەتئىينەزەر ھەرۋاقىت بوۋاقنىڭ پۇت - قولىنىڭ ئىسسىق تۇرۇشىغا، رەڭگىرويى نورمال ۋە تەر بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ياز كۈنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆپرەك يۇيۇپ بېرىش، تېرىسىنىڭ تازىلىقىغا ۋە تېرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
← بارلىق تېمىلار نەمە