PI كارتوچكىلىق تېلېفوندا تور ئارقىلىق ئاۋاز يەتكۈزۈلەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
PI كارتوچكىلىق تېلېفون، يەنى تورلۇق تېلېفون ياكى ئىنتېرنېت تېلېفون - ئىنتېرنېتتىكى ئاۋاز يەتكۈزۈش ۋاستىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان يېڭى بىر خىل ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى. بۇ - ئاۋاز يوللىغۇچى تەرەپنىڭ ئاۋاز سىگنالى رەقەملەشتۈرۈلۈپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق سىگنال قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە يەتكۈزىدىغان، سىگنال قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ قوبۇل قىلغان سانلىق مەلۇماتنى يېشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەقلىدىي سىگنالغا ئايلاندۇرۇلغان قوش يۆنىلىشلىك ئاۋاز ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان جەريان. بۇنداق ئالاقىلىشىشتا قوللىنىلىدىغان تېخنىكا تور بەلۋېغىنىڭ بەك كەڭ بولۇپ كېتىشىنى تېجەپ، تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا PI كارتوچكىلىق تېلېفون ئارقىلىق ئابۇنچىلارنى تېخىمۇ تېجەشلىك بولغان تېلېفون مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
PI كارتوچكىلىق تېلېفون تور ئۆتكىلى، ئۆتكەل ساقلىغۇچ ۋە ئارقا سۇپىدىكى مۇلازىمەتچىدىن تۈزۈلگەن بىر سىستېما.
تور ئۆتكىلى PI تورىنى سۆھبەتلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاۋاز تور ئۆتكىلىدە رەقەملەشتۈرۈلۈپ، كودلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يېتىپ بارماقچى بولغان يەنە بىر ئۇچتىكى تور ئۆتكىلىدە ئەسلىدىكى ئاۋاز سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، تېلېفون تورىغا ئۇلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.
تور ئۆتكىلى ئۆلچەملىك ئۇلىنىش ئېغىزى ئارقىلىق ئۆتكەل ساقلىغۇچقا ئۇلىنىدۇ. ئۆتكەل ساقلىغۇچ سىستېما كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ سېستىمىدا ھالقىلىق ئىقتىدارنى بېكىتىش، مۇندەرىجە يولى، چاقىرىشنى تىزىملاپ ھېسابلاش ۋە ھەق ھېسابلاش قاتارلىق پروگراممىلارنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئارقا سۇپىدىكى مۇلازىمەتچى ئارقىلىق تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە چاقىرغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئاۋاز يېتىپ بارىدىغان تور ئۆتكىلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئۇلىنىش ئېغىزىنى چالايدۇ.
ئارقا سۇپىدىكى مۇلازىمەتچى - تېلېگراف كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاماقلار تەمىنلىگەن، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسىغا جايلاشقان ئارقا سۇپىدا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بىر يۈرۈش زاپچاس بولۇپ، ئۇچۇر توپلاش ۋە تەمىنلەشتە ئىشلىتلىدۇ.