UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز شىمالىي قۇتۇپتىكىدىن كۆپ؟

نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز شىمالىي قۇتۇپتىكىدىن كۆپ؟

نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ يەر شارىدىكى ئەڭ سوغۇق جاي، ئۇ يەردە سوغۇق بوران ھۇۋلاپ تۇرىدۇ، تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، ئۇ يەر يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان كۈمۈشتەك ئاپئاق بىر دۇنيا، لېكىن ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي قۇتۇپ شىمالىي قۇتۇپقا قارىغاندا تېخىمۇ سوغۇق، مۇزلۇق تېخىمۇ كۆپ، جەنۇبىي قۇتۇپ رايونى بىر قورۇقلۇق بولۇپ، ئىسسىقلىق ساقلاشچانلىقى بىر قەدەر ئاجىز، ياز پەسلىدە ئېرىشكەن ئىسسىقلىق ناھايىتى تېزلا رادىئاتسىيىلىشىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 56 سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ، جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەتراپىدىكى دېڭىز - ئوكيانلاردا نۇرغۇنلىغان مۇز پارچىلىرى لەيلەپ تۇرىدۇ. ئۇ غايەت زور مۇز تاغلارنىشەكىللەندۈرگەن. ئۆز ئارا سېلىشتۇرغاندا، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى كىچىك بولۇپ، كۆپ قسىمى شىمالىي مۇز ئوكيانغا تەۋە، دېڭىز سۈيى نۇرغۇن ئىسسىقلىقنى ساقلىيالايدۇ ۋە ئىسسىقلىقنى كۆپرەك قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنىڭ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. شۇڭا ئۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭكىدىن يۇقىرى، يەنى 8 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇق جەنۇبىي قۇتۇپنىڭكىدىن ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپ قسىمى گرېنلاندىيە ئارىلىغا يىغىلغان. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىى قۇتۇپتىكى مۇز قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 1700 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ قېلىن جايلىرىنىڭ 4000 مېتىرغا يېتىدۇ، مۇزلۇقنىڭ ئومۇمىي ھەجىمى تەخمىنەن 28 مىليون كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن ئىككى مېتىردىن تۆت مېتىرگىچە كېلىدۇ، مۇزلۇقنىڭ ئومۇمىي ھەجىمىمۇ ئاران جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇقىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. مۇز تاغ يەر شارىدىكى تاتلىق سۇ بايلىقىنىڭ مەنبەسىدۇر. ھازىر دۇنيادىكى بەزى سۇ بايلىقى كەمچىل دۆلەتلەر جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلارنى ئۆز دۆلىتىگە قانداق قىلىپ يۆتكەپ كېلىپ، سۇ قەھەتچىلىكى ۋە تۇپراق قۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە