دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قانداق قۇرۇپ كەتكەن؟
نېمە ئۈچۈن
بۇنىڭدىن 65 مىليون يىلدىن 200 نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرىكى ئۇزۇن زامانلاردا، يەر شارىغا غايەت زور ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار - دىنوزاۋرلار ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ نەسلى بۇنىڭدىن 65 مىليون يىللار ئىلگىرى قۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭغا نېمە سەۋەبچى بولغان؟
ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىملار مۇنداق دەپ قارايدۇ: شۇ زامانلاردا دىئامېتىرى 10 مىڭ مېتىر كېلىدىغان كىچىك بىر سەييارە يۇلتۇز قۇياش سىستېمىسى ئوبىتىسىنى بويلاپ ئايلىنىپ تۇراتتى، كېيىن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئەسلىدىكى ئوربىتىسىدىن چەتنەپ كېتىپ يەر شارىغا ئۈسكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور پارتلاش يۈز بەرگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ كۈچى 1 مىليون توننىلىق 100 مىليون ۋودورود بومبىسىنىڭ پارتلاش كۈچىگە باراۋەر ئىكەن. چوڭ پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت ئۇششاق سەييارە يۇلتۇزلارنى ئۆزلۈكىدىن پارتلىتىپ چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، ئەتراپتىكى قىيا تاشلارنىمۇ كۇكۇم - تالقان قىلىۋەتكەن، قىيا تاشلارنىڭ توزۇندىلىرى ھاۋا ئېقىمى بىلەن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، قېلىن چاڭ - توزانلىق قارا بۇلۇت قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ بۇلۇت قاتلىمى يەر شارىنى ئۇدا بەش يىل ئايلىنىپ يۈرگەن، ئۇ كۈن نۇرىنى توسۇۋالغان بولغاچقا، يەر شارى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇدا بەش يىل قاراڭغۇچىلىقتا قالغان. كۈن نۇرى بولمىغاچقا، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن، ئاقىۋەت ئالدى بىلەن ئۆسۈملۈكلەر زىيانغا ئۇچراپ زور كۆلەمدە قۇرۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان دىنوزاۋرلار يەر شارىدىن غايىب بولغان.