قوشۇمچە
نېمە ئۈچۈن
بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكى:
ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 3%، بەدەن ئېغىرلىقى 10% ئاشتى، ھازىر سېمىز بالىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئاتا - ئانىلار قانداق قىلسا بالىنىڭ بەك سېمىز ئەمەسلىكىگە توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ؟ ھازىرقى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى جەھەتتە قايسى خىل مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بۇ يەردە بىز ھەرقايسى ئاتا - ئانىلارغا بىر ئۆلچەملىك جەدۋەلنى تارقىتىمىز، سىز بۇنىڭدىن بالىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقىنى بىرلەشتۈرسىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز توغرا ھۆكۈم قىلالايسىز.
بەدەن ئېغىرلىقىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان سان=بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگرام)÷بوي ئېگىزلىكى (سانتىمېتىر) بوي ئېگىزلىكىدىكى كۆرسەتمە سان=بوي ئېگىزلىكىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان سان÷ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىق سانى.
ئۆلچەملىك بوي ئېگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى ئادەتتە 2.1 - 8.0 بولسا نورمال بولىدۇ، ئەگەر 8.0 دىن تۆۋەن بولسا، ئورۇق - ئاجىزلارقاتارىغاكىرىدۇ. 2.1 دىن يۇقىرى بولسا، سېمىزلەر قاتارىغا كىرىدۇ. مەسىلەن: بىر ياش ئىككى ئايلىق بولغان بىر قىز بالا بار دېسەك، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 12 كىلوگرام بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئورنى قايسى دەرىجىدە بولىدۇ؟ جاۋابى ئۇنىڭ ئېغىرلىق، ئېگىزلىكتىكى كۆرسەتمە سانى 1.102=(12÷90)÷0.121 شۇڭا ئۇ نورمال دەرىجىدە بولىدۇ.
ئاتا - ئانىلارغا شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىشىگە
قارىتا غايەت زور چوڭ تەسىرىڭىز بار، ئەگەر ياخشى دادا، ياخشى ئانا بولماقچى بولسىڭىز، بالىڭىزنىڭ يېمەك - ئىچمىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىغا بولغان ئامراقلىقىڭىزنى مۇۋاپىق ئىپادىلىشىڭىز كېرەك. بالىنىڭ ئىشتىھاسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان سەي - كۆكتات ۋە پېچىنە - پىرەنىك بېرىشىڭىز كېرەك، بۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن ساغلام ئاساس سالالايدۇ