UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ جىسىملارنىڭ رەڭگىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ جىسىملارنىڭ رەڭگىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن بالىلار خىلمۇخىل رەڭلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ئۈچ ياشقا كىرەي دېگەندە، خىلمۇخىل رەڭلەرنى پەرق ئېتىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن: قىزىل، سېرىق، يېشىل، كۆك قاتارلىق رەڭلەردىن قىزىل رەڭنى ئەڭ ئوڭاي ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا سېرىق، يېشىل رەڭلەرنى ئىگىلەيدۇ. بىراق باشقا ئارىلاشما رەڭلەرنى مەسىلەن: بېغىررەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى ۋە ئوخشىمىغان رەڭ دەرىجىدىكى رەڭلەرنى مەسىلەن: قارامتۇل يېشىل ۋە سۇس يېشىل رەڭلەرنى يەنىلا توغرا پەرق ئېتەلەيدۇ. رەڭلەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش تۆۋەندىكى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ: بالىغا قىزىل رەڭ، يېشىل رەڭ، سېرىق رەڭ قاتارلىق ئاساسلىق رەڭلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە كونكرېت ئەمەلىي نەرسىلەر بىلەن رەسىملەرگە بىرلەشتۈرسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئالما قىزىل رەڭدە، بانان سېرىق رەڭدە، ئوت - چۆپ يېشىل رەڭدە بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرسە بولىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ: بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈشىگە ئاساسەن، خىلمۇخىل رەڭدىكى كونكرېت يېشىك رەڭلىك كۇبىكنى بالىغا تاپقۇزۇش ياكى سېرىق رەڭلىك كۇبكىنى تاللاتقۇزۇش كېرەك. ئۈچىنچى باسقۇچ: بالىلار ئۈچۈن ياخشى بولغان رەڭلەرنى تەييارلاش، رەڭسىز رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە ۋە ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەرگە رەڭ بېرىشنى ئۆگىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ جىسىملارنىڭ رەڭگىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki