UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىزدە <كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ> دېگەن تەمسىل بار، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئېمىتىشتىكى تازىلىقىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇش. ئانا ئېمىتىش ئالدىدا قولىنى، ئەمچەك توپچىسىنى پاكىز يۇيۇش، ئادەتتە ئەمچىكىنىڭ تازىلىقىنى پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. سۈنئىي بېقىلىدىغان ئۇسۇلدا بېقىلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، سۈت ئېمىتىدىغان ئەسۋابلارنى دېزىنفېكسىيىلەپ قويۇش، ئىچىدىغان سۈتىنى ۋاقتىدا تەڭشەش، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈۋېتىش ياكى باشقا نەرسىلەرگە قۇيۇۋېلىپ باشقىلار ئىچىۋېتىش. ئاندىن سۈنئىي بوۋاقلارغا نىسبەتەن سۈت ئىچۈرۈشتە مۇۋاپىق ۋاقىت بېكىتىش، ھەر قېتىملىق سۈت مىقدارى بەك كۆپ ياكى ئاز بولۇپ قالماسلىق، ئەڭ ئاخىرىدا دىققەت قىلىدىغىنى، ھاۋا ئۆزگەرگەندىكى كۈتۈش بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ياكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە