مېڭە پارالىچ كېسىلىنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مېڭە پارالىچ كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتا - ئانا ۋە ئۆيىدىكىلەر ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، جەمەت تارىخى ياكى يۇقىرىدا بايان قىلغان خەتەرلىك ئامىللارغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، بالىدا تۆۋەندىكىدەك تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، ياتقۇزغاندا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ <U> شەكىلدە ھەرىكەت ئىقتىدارى ناچارلىق قاتارلىق ئەھۋاللار بارمۇ - يوق؟ كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ باش، بەدەن ئۆرۈش ۋە ئولتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ھەم پۇت - قوللىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى نورمال بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا غەيرىيرەك ۋە كالامپاي بولسا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان ھەرىكىتى ئاز ياكى بەك ماسلاشمىغان، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە قىياپىتى بىنورمال، پۇت - قوللىرى ياكى گەۋدىسى قاتمال ھالەتتە ياكى پۈتۈن بەدىنى ھالسىز بولۇش شۇنداقلا يول ماڭغاندا ئىككى تىزى قايچا شەكىلدە بولۇپ قېلىش … قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئىمكانقەدەر ۋاقتىدا دىئاگنوز قويغۇزۇش كېرەك. مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەقلىي ئىقتىدار، كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە تىل جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلاردا يۇقىرىقى جەھەتتە نورمالسىزلىق ئەھۋاللىرى بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.