UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دالا ئاپتوموبىلى ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە؟

نېمە ئۈچۈن دالا ئاپتوموبىلى ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە؟

نېمە ئۈچۈن سىز چوقۇم تېلېۋىزوردا مۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن: جىددىي، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دالا ئاپتوموبىلى موسابىقىدە مەيلى قاقاس چۆللۈك، قۇملۇق، سايلىق ياكى ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىدا بولسۇن، دالا ئاپتوموبىلى باشتىن - ئاخىر گۈلدۈرلىگىنىچە ھەيۋەت بىلەن ماڭىدۇ. نېمە ئۈچۈن دالا ئاپتوموبىلى تاغ چوققىلىرىدىن بىمالال ئۆتەلەيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ لايىھىلەنگەن قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. دالا ئاپتوموبىلىنىڭ قۇۋۋىتى بىر قەدەر چوڭ، ئالدى - كەينى چاقلىرى قوزغاتقۇچى چاق بولىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پەقەت كەينى چاقىلا قوزغاتقۇچ چاق. دالا ئاپتوموبىلىنىڭ تورمۇز ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى. شۇڭا تېزلىكتە توختاپ، تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان يول شارائىتىغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. دالا ئاپتوموبىلىنىڭ ئايلىنىش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى، كىچىك دائىرىدىلا ئايلىنالايدۇ، بۇرۇلالايدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىمى شۇكى، دالا ئاپتوموبىلىنىڭ گەۋدە ئاستى يەردىن بىر قەدەر ئېگىز ئايرىلىپ تۇرغاچقا، ئېگىز - پەس، تەكشى بولمىغان يوللاردا ماڭغاندا ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئاسان زەخىملەنمەيدۇ. دالا ئاپتوموبىلى بۇ ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغاچقا، مۇرەككەپ يولدا مېڭىشقا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. ئۆزگىچە لايىھىلەنگەن قۇرۇلمىدىن باشقا يەنە دالا ئاپتوموبىلىنىڭ چاقىمۇ بىر قەدەر ئالاھىدە. ئۇنىڭ بالونى ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭكىدىن چوڭ ھەم كەڭ، يۇمشاق يولدا ياكى قۇملۇقلاردا ماڭغاندا چاقى ئادەتتە پېتىپ قالمايدۇ. نۇرغۇن دالا ئاپتوموبىللىرىدا بېسىمنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بالون ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يول ماڭغاندا شوپۇر ئوخشاشمىغان يول شارائىتىغا ئاساسەن، بالوندىكى يەل بېسىمىنى تەڭشىيەلەيدۇ. مەسىلەن، ئاپتوموبىل قاتتىق يولدا ماڭغاندا، بالوندا بىرقەدەر يۇقىرى يەل بېسىمىنى ساقلاپ، چاق ئايلانغاندىكى قارشىلىق كۈچ ئازايتىلدى؛ ئاپتوموبىل يۇمشاق توپىلىق، قۇملۇق يولدا ماڭغاندا بولۇندا تۆۋەنرەك يەل بېسمىنى ساقلاپ، بالون بىلەن يەر يۈزىنىڭ تېگىشىش دائىرىسىنى چوڭايتىپ، بالوننىڭ توپا، قۇملۇق يولىدىكى بىسىم كۈچى ئازايتىلدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن دالا ئاپتوموبىلى ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki