UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا نېمىشقا بولمايدۇ؟

بالىلار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا نېمىشقا بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن بالىلار ياز پەسلىدە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئامراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرنى ئىستېمال قىلىپلا بولدى قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى پايدىسىز، چۈنكى كۆپ مىقداردىكى سوغۇق ئىچىملىكلەر بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ئىچكى ئەزالار ۋە يۇتقۇنچاق قىسمىدا كۈچلۈك غىدىقلىنىشنى پەيدا قىلىپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئاۋاز پۈتۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى شۇنداقلا يۆتەل ۋە ئۈچەي كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سوغۇق ئىچىملىككە بوياق ماددىسى، مۇئەتتەر، چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى يېمەكلىكلەردىكى بوياق ماددىسى مېڭىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. مۇئەتتەر كۆپىنچە بالىلارغا ئەكس تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ئەگەر ھاۋا قاتتىق ئىسسىپ كەتسە، قوغۇن سۈيى، يېشىل پۇرچاق شورپىسى قاتارلىقلارنى بالىلارغا بەرسە بولىدۇ. سوغۇق ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەرگە ئادەتلىنىپ قالغان بالىلارغا تەربىيە قىلىپ، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئېلىپ بەرمەسلىك، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سوغۇق ئىچىملىك ياكى بىر تال ماروژنى ئېلىپ بېرىپ، داۋاملىق يېيىشكە يول قويماسلىق كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە