نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ لىزىنىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس؟
نېمە ئۈچۈن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لىزىن بىلەن كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەر بازارلاردا ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، بىر مۇنچە ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىگە مۇشۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا لىزىم تولۇقلاپ بېرىش زۆرۈر، لېكىن ھەرگىز كۆپ بەرمەسلىك كېرەك.
لىزىن بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى قويۇق لىزىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان يەنە بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى - ئارگىنىننى زور مىقداردا پارچىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى لىزىن بىلەن ئارگىنىن ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۇزاق مۇددەت بۇزۇلسا، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ئاجىزلاپ كېتىش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشتەك ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىد تەسىر يەتكۈزىدۇ.
شۇڭا، بىز بەزى ئېلانلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز، شۇنداقلا بەزى سېتىش ۋاستىلىرى ئالدىدا گاڭگىراپ قالماسلىقىمىز، پەنگە ئىشىنىپ، ئىلمىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، لىزىن كۆپىنچە ھايۋاناتتىن ئىشلەنگەن يېمەكىكلەردە كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە ئۆسمۈرلەر ھايۋاناتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى دائىم يەپ تۇرىدۇ، شۇڭا يەنە لىزىن تۇلۇقلايمەن دەپ لىزىن سۇيۇقلۇقى ئىچىش ياكى لىزىن ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش ھاجەتسىز. ئەگەر ئادەتتە ئاشلىق ياكى باشقا ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ، ھايۋاناتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئاز يەيدىغان بالىلار بولسا ئۇلار مۇۋاپىق مىقداردا لىزىن تولۇقلىسا بولىدۇ ياكى لىزىن ئىچىملىكى ئىچسە، ياكى لىزىن ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ، لېكىن مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.