UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى باشلاش كېرەك؟

قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى باشلاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى بولسا بالىنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ تەبىئىي يېمەكلىكى بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئوزۇقلۇقنى ئاساسەن تولۇقلايدۇ. ھازىرقى زامان ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نەزەرىيىسى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى بالدۇر باشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بالدۇر يېقىنلىشىش، بالدۇر ئېمىتىش كېرەك. بوۋاق تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن 30 مىنۇت ئىچىدە يالىڭاچ ھالەتتە ئانا كۆكسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئېمىتىش كېرەك. ئېمىتىش رېفلېكىسى ئىنساننىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى، بۇ خىل ئىقتىدار تۇغۇلۇپ 10 ~ 30 مىنۇت بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ كۈچىيىدۇ. بالدۇر يېقىنلىشىپ، بالدۇر ئېمىتكەندە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا نەتىجە قازىنىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئېمىش بولسا ئانىنىڭ مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ماددا ئاجرىتىش ۋە سۈت ئاجرىتىش ئىنكاسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالدىدىكىسى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كېلىشنى ئازلىتىدۇ. كېيىنكىسى سۈت بېزىنى يۇمشىتىپ، ئەمچەكنى تولدۇرۇپ، ئېمىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى باشلاش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki