مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇنلىغان مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تەركىبى بىلەن سۈپەتلىك تۇغۇش زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مىكرو ئېلېمېنېتلار ئوغۇللارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مىس، مانگان، سىنك، سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تەركىبى ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى ۋە سانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلە پەردىسى بالدۇر يىرتىلغان تۇغۇتلۇق ئاياللاردا قان زەردابىدىكى مىس تەركىبىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇشى نورمال ھېسابلىنىدۇ، ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان زەردابىدىكى مىس، سىنكنىڭ قويۇقلۇقى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مىس، سىنك ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىس يەنە مىس ئېنزىملىرى ياكى مىس ئېنزىملىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان پائالىيىتىدىكى يېپىشقاقلىق ۋە ئېلاستىكلىقىدىن شەكىللەنگەن ئاقسىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مىس كام بولغاندا، بالا ھەمراھى ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ - دە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ كېچىكىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىس زىيادە كۆپ ياكى كام بولۇپ قالسىمۇ ئوخشاشلا ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشى ۋە ئاجرىتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوڭايلا ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى ۋە ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مىكرو ئېلېمېنتلارنى مۇۋاپىق تۈردە قوبۇل قىلىشى كېرەك.