نېمە ئۈچۈن ياپونىيىدە دائىم يەر تەۋرەيدۇ ۋە يانار تاغ پارتلايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياپونىيە - دائىم يەر تەۋرەپ پارتلاپ، يەر تەۋرەپ تۇرىدىغان دۆلەت. 1792 - يىلى ياپونىيە زېمىنىدا يانار تاغ پارتلاپ 15 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان؛ 1923 - يىلى، ياپونىيىنىڭ كانتو دېگەن يېرىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە 130 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ، دۆلەتكە ئېچىنىشلىق ئاپەت كەلتۈرگەن. ياپونىيىدە نېمە ئۈچۈن يانار تاغ كۆپ پارتلايدۇ ۋە يەر كۆپ تەۋرەيدۇ؟ ئەسلىدە ياپونىيە ئاراللىرى دەل ئاسىيا - ياۋروپا بۆلىكى بىلەن تىنچ ئوكيان بۆلىكى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. گېئولوگىيىلىك بۆلەكلەر تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، تىنچ ئوكيان بۆلىكى يۇققا بولۇپ، ئۇنىڭ زىچلىق دەرىجىسى بىر قەدەر زور، لېكىن ئورنى نىسبەتەن ئويمانراق. تىنچ ئوكيان بۆلىكى غەربكە سۇ تەكشىلىكى بويىچە يۆتكەلگەندە، ئۇ تېز سۈرئەت بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا بۆلىكىنىڭ ئاستىغا قاراپ سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا بۆلىكى بىلەن تىنچ ئوكيان ئۆز ئارا سوقۇلۇپ، قىسىلىش شەكىللىنىدۇ - دە، ئىككى چوڭ بۆلەك تۇتاشقان جايدىكى تاش قاتلىمىدا شەكىل ئۆزگىرىش، يېرىلىش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يانار تاغ پارتلاش، يەر تەۋرەش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.
ياپونىيە بىر ئارال دۆلىتى، ئۇنىڭ زېمىنىدا چوڭ - كىچىك بولۇپ يېنىپ تۇرغان يانار تاغدىن 83ى بار، بۇ دۇنيادىكى يېنىپ تۇرغان يانار تاغ ئومۇمىي سانىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە ياپونىيىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم زېمىنىنى يانار تاغ ئېتىلما ماددىلىرى قاپلاپ تۇرماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيىدە يانار تاغ كۆپ بولۇپلا قالماستىن، يەر تەۋرەش قېتىم سانىمۇ كۆپ. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياپونىيىدە ھەر يىلى بىر قانچە مىڭ قېتىم يەر تەۋرەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنىگە تۆت قېتىم ئۈچ بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش بولۇپ تۇرىدۇ.