يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆزىنى قانداق تازىلاشھەم ئاسراش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، بوۋاقلار سەزگۈ دۇنياسىدىكى مۇھىم ئەزا. شۇ سەۋەبتىن ھەسسىلەپ ئاسراش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆز قىسمىنى يۇيۇشتا، كىچىك لۆڭگىنى پاكىز سۇدا نەمدەپ، چىڭ سىقىپ، بوۋاق كۆزىنى يۇمغاندا كۆز قۇيرۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن سىرتقى قىسمىغا قارىتىپ سۈرتۈش، بىر كۆزىنى سۈرتۈپ بولغاندا لۆڭگىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەنە بىر كۆزىنى سۈرتۈش. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن سۈيى بوۋاقنىڭ كۆزىگە كىرىپ كەتسە ۋاقتىدا پاكىز سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىش. يۇغاندا پاكىز سۇنى ئىنچىكە جوغىلىق چۆگۈنگە قۇيۇپ بالىنىڭ بېشىنى يۇماقچى بولغان كۆزىنى تۆۋەنگە قىلغان ئاساستا بىر تەرەپكە قىيسايتىپ، قاپاقنى ئايرىپ، چۆگۈن جوغىسى بالىنىڭ بېشىدىن بىر سانتىمېتىردىن ئىككى سانتىمېتىرغىچە يىراقلىقتا تۇتۇپ، ئاستا - ئاستا بوۋاقنىڭ كۆزىگە سۇ ئاققۇزۇش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، كۆزنى يۇغاندا سۇ قۇلاق يولىغا ئېقىپ كەتمەسلىكى، سۇنىڭ بېسىمى يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى، بوۋاقنىڭ كۆز قىسمى توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پاكىز لۆڭگە بىلەن كۆز ئەتراپىدىكى سۇلارنى پاكىز سۈرتۈۋېتىش كېرەك.