ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشتىن كېيىنكى ]رېئاكسىيىلەرنى قانداق ئازايتىشقا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقنىڭ ئاتا - ئانىسى خاتىرجەم بولسا بولىدۇ. كۆپىنچە ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن، ئېغىر رېئاكسىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. رېئاكسىيە يۈز بېرىش ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن ئاز، لېكىن ھەربىر بوۋاقنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئېلىپ بارغاندا، ئېغىر - يېنىكلىكى ئوخشاش بولمىغان نورمال رېئاكسىيىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشتىن كېيىنكى رېئاكسىيىلەرنى ئازايتىش، ھەرخىل ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم بوۋاقنىڭ ساغلام ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش، ئەگەر كېسەل بولسا ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملىمەسلىك كېرەك. مەسىلەن: قىزىپ قالغاندا بوغما، كۆكيۆتەل، تېتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى ئۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئىچ سۈرۈپ قالغاندا بالىلار پالىچى كۇمۇلىچى يېگۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئاچ قورساق ۋاقىتتا ۋاكسىنا ئۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوكۇل سېلىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، بوۋاققا تەسەللى بېرىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلاردىكى جىددىيلىشىش ۋە قورقۇش پسىخىكىسىنى يوقىتىش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملىنىپ ئىككى - ئۈچ كۈن كۈتۈشكە دىققەت قىلىش، ئوكۇل قىلىنغان ئورۇننىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش، ۋاقتىنچە بالىنى يۇماسلىق، يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.