UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلار قېتىقنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار قېتىقنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن قېتىق بولسا ساپ كالا سۈتىگە سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسىنى قوشۇپ ئېچىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كالا سۈتى كىسلاتالاشقاندىن كېيىن كازېئىن (پىشلاق ئاقسىلى) نىڭ ئۇيۇغان پارچىلىرى كىچىكلەپ ھەمدە يەنە ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقى ئاشىدۇ، بۇنىڭ بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈشىگە بەلگىلىك پايدىسى بار. ئەگەر بوۋاق قېتىقنى كۆپ ئىچسە ياكى ئۇنى ئاساسلىق يېمەكلىكى قىلسا، ئۇ بوۋاقلار بەدىنىدىكى كىسلاتا - ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، بەدەندىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغ توپىنىڭ ئۆسۈش شارائىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ يۇمران بولغان ھەزىم يولىغا زەخمە يەتكۈزىدۇ ھەم نورمال ھەزىم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قېتىقنى ئادەتتە يېرىم ياشتىن ئاشقان، ئىچى سۈرۈپ قالغان ياكى ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقان بوۋاقلارغا قىسقا مەزگىل ئىچكۈزۈش كېرەك. لېكىن كىچىك بوۋاقلار (ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلار) غا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولغانلىقتىن قېتىق ئىچكۈزمەسلىك، ئۇنىڭدىن سىرت قېتىقنىڭ سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ قالىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا ئېلىپ، ۋاقتىدا ئىچكۈزۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە