ئاغرىتماي تۇغۇشنىڭ تۇغۇت جەريانىغا تەسىرى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغۇت ئاغرىقى بىرخىل مۇرەككەپ بولغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق جەريان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاغرىقلارنىڭ بىرى. ئاغرىق جەريانى بىلەن شەخسنىڭ ئاغرىقى، تۇغۇت قېتىمى بىلەن تۇغۇت جەريانىنىڭ ئىلگىرىلىشى مۇناسىۋەتلىك. كۆپلىگەن تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى تارايغان ۋاقىتتا قاتتىق ئاغرىيدۇ، تۇغۇت جەريانىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئاغرىيدۇ. ھەتتا چىداشلىق بەرگىلى بولماي قالىدۇ، تۇغۇت ئاغرىقىنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
1. بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنىڭ ۋاقىت خاراكتېرلىك تارىيىشى بىلەن قان، ئوكسىگېن يېتىشمەي، قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولىدۇ.
ھامىلە تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا يۇمشاق تۇغۇت يولىنىڭ كېڭىيىشى ۋە بېسىمغا ئۇچرىشى بىلەن قاتتىق ئاغرىيدۇ.
3. تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ جىددىيلىشىپ، ئەنسىرەپ، قورقۇپ كېتىشى بىلەن مۇسكۇللار بوشايدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھىت نېرۋىسىغا تەسىر قىلىپ، ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ.
4. قان، ئوكسىگېن كەم بولۇپ، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن ئاغرىق پەيدا بولىدۇ