UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن بۇ خىل كېسەلنى پەيدا قىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك. كۆزىگە تۇغما ئاق چۈشۈش ياكى ئۈستۈنكى قاپىقى تۇغما ساڭگىلاپ چۈشۈش تۈپەيلىدىن كۆرۈش كۈچى ئاجىز بولغانلارنى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئالىغاي بولۇپ قالغانلار ئاۋۋال ئالىغايلىقنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئاتروپىن ئارقىلىق كۆزىنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنىڭ نۇرىنى تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق بولغان كۆزەينەكنى تاقاپ، نۇر سۇندۇرۇشنى توغرىلاش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، غۇۋا كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئوچۇق كۆرۈنىدۇ ۋە كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ ياخشى قوزغاتقۇچ بولۇپ، كۆرۈش سەزگۈسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالىدۇ. شۇنداقلا كۆزى ئاجىزلىقنى داۋالاشتىكى باشقا خىل ئۇسۇللار نۇر سۇندۇرۇشنى توغرىلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېپىش (يەنى كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولغاندا كۆزىنى يېپىپ، كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان كۆزنى كۆپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش ئۇسۇلى) ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى، چەكلەش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى (بىر قىسىم يېشى چوڭ ھەم كۆزىنى ئېتىشكە ئۇنىمىغان بالىلارغا كۆزەينەك تاقىغۇزۇپ، ئاجىز كۆزى بىلەن نەرسىلەرگە قارىغاندا كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولغان ياخشى كۆزى ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت)، تەسىر ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى (كۆزى ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن نازۇك خىزمەت قىلغۇزۇش. مەسىلەن: تەسۋىرلەش، مارجان ئۆتكۈزۈش، قەغەز قېيىش، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار) ھەم دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە