نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كالتسىي ئادەم بەدىنىدىكى ئالتە خىل ماكرو ئېلېمېنت (كالتسىي، فوسفور، ماگنىي، كالىي، ناترىي، خلور) ئىچىدىكى مىقدارى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 2.1 ~ 3.1 مىڭ گرام، ئاساسلىقى سۆڭەك ۋە چىشنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە قان قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا ئاز مىقداردا مەۋجۇت بولۇپ، نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ ئويغىنىشچانلىقىنى ساقلاپ، نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى تاماملاپ، يۈرەك، مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ۋە كېڭىيىشىگە، قان قېتىشىشقا قاتنىشىش قاتارلىق مۇھىم روللارنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كالتسىينىڭ يەنە تىنچلاندۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، كۆپ خىل ئېنزىملارنى ئاكتىپلاشتۇرۇش رولى بار. شۇ سەۋەبتىن كالتسىي <بەدەننىڭ ئاساسى> دېيىلىدۇ. شۇڭا بوۋاق مەزگىلىدىن باشلاپ مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي تولۇقلاپ بېرىش كېرەك.