UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق دېگەن نىمە؟

سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق دېگەن نىمە؟

نېمە ئۈچۈن بىز ئىشلىتىۋاتقان توكنىڭ ھەممىسى ئېلېكتر ئىستانىسىدىن كەلگەن. توك يەتكۈزۈش جەريانىدا ئۆتكۈزگۈچ سىمدا بەلگىلىك ئېلېكتر قارشىلىقى بولغاچقا، بىر قىسم ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىپ، ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇ مەسىلىگە ئالىملار ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا. 1911 - يىلى، گوللاندىيىلىك فىزىك ئۇننېس بىر قېتىملىق تەجرىبىدە نۆلدىن تۆۋەن 269 سېلسىيە گرادۇستا سىمابتىكى ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ تامامەن يوقىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئەينى چاغدا پۈتكۈل ئىلىم - پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان. ئۇننېس ماددىنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىنى سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق بۇ خۇسۇسىيەتكە ئىگە جىسىمنى بولسا، سۇپېز ئۆتكۈزگۈچ، دەپ ئاتىغان. دەسلەپ بايقالغان سۇپېر ئۆتكۈزگۈچنىڭ ھەممىسى قوغۇشۇن، قەلەي قاتارلىق ساپ مېتاللار ئىدى، ئۇلار پەقەت ئېلېكتر ئېقىمى ناھايىتى كىچىك بولغان تۆۋەن تېمپېراتۇرا ھالىتىدىلا سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق خۇسۇسىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىلا، ئالىملار ساپ مېتالغا يەنە بىر خىل ئېلېمېنتنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان قېتىشما سۇپېر ئۆتكۈزگۈچىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. سۇپېر ئۆتكۈزگۈچتە، ئېلېكتر قارشىلىقى بولمايدۇ، ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ قىزىپ كېتىشى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ خوراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلېكترو ماتور ياساپ، زىيانسىز توك يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ يەنى ناھايىتى كۈچلۈك دىئاماگنىتلىق خاراكتېرىگە ئىگە. ئادەتتىكى ئۆتكۈزگۈچ كۈچلۈك ماگنىتقا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ماگنىت پەيدا بولىدۇ. لېكىن سۇپېر ئۆتكۈزگۈچتە ئۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر بىر سۇپېر ئۆتكۈزگۈچنى ئۈستەلگە قويۇپ، ماگنىتلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ماگنىت تاياقچىنى ئۈستۈندىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرغاندا، ماگنىت تاياقچە سۇپېر ئۆتكۈزگۈچتىن كەلگەن قارشىلىق كۈچىگە ئۇچرايدۇ، بۇ قارشىلىق كۈچى ماگنىت تاياقچىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى بىلەن تەڭپۇڭ بولىدۇ، شۇنىڭدەك ماگنىت تاياقچە سۇپېر ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئۈستىگە لەيلەيدۇ، مانا بۇ ماگنىت لەيلەش ھادىسىسى. يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق سۇسپېنزىيە پويىز، سۇپېر ئۆتكۈزگۈچىنىڭ مۇشۇنداق دىئاماگنىتلىق ئۈنۈمىگە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ ياسالغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە