UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىڭىزنىڭ تېخىمۇ تاتلىق كۈلۈشىنى خالامسىز؟

بالىڭىزنىڭ تېخىمۇ تاتلىق كۈلۈشىنى خالامسىز؟

نېمە ئۈچۈن بالىنىڭ تاتلىق كۈلكىسى ئائىلە ئەزالىرىغا چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. بالىنىڭ يۈز مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بالىنى كۈلدۈرۈش كېرەك. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن تېزلىكتە ئېمىش ئىنكاسىنى تۇرغۇزۇشى ناھايىتى مۇھىم. بولۇپمۇ بالدۇرراق بالىنى ئانىنىڭ قۇچىقىغا ياتقۇزۇپ، ئېمىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. بۇ بالا ئېمىش جەريانىدا، ئاستىنقى، ئۈستۈنكى ئېڭەكلىرىنى ۋە لەۋلىرىدىكى مۇسكۇللارنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇ يۈزدىكى خىلمۇخىل مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم ئېڭەك سۆڭەكلىرىنىڭ ياخشى تىزىلىشىنى ۋە چىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ چىقىشىغا پايدىلىق. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چايناش ئىقتىدارى ياخشىلىنىپلا قالماستىن، بالىنىڭ ئىشتىھاسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ كۈلكىسى تېخىمۇ تاتلىق بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە