UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقنىڭ يالغۇزسىراش كېسىلى (يەككە – يېگانىلىق كېسىلى) ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

بوۋاقنىڭ يالغۇزسىراش كېسىلى (يەككە – يېگانىلىق كېسىلى) ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ يالغۇزسىراش كېسىلى بولسا بىر خىل گۆدەكلىك ۋاقتىدا قوزغىلىدىغان روھىي جەھەتتىكى توسالغۇ بولۇپ، تۇغما يەلتاشما بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تۇتقاقلىق كېسىلى بارلاردا كۆرۈلىدۇ. يالغۇزسىراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، بىراق مۇزىكا، ماتېماتىكا جەھەتتە ئالاھىدە تالانتى بولىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىماردا دائىم تىل قىيىنچىلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتىكى قىيىنچىلىق كۆرۈلىدۇ. تۇغۇلۇپ ئىككى ئاي بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا كۈلمەيدۇ. تۆت ئايلىق بولغاندا ئانا قۇچىقىدا تۇرۇپ خۇشال بولالمايدۇ، باشقىلارغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قارىيالمايدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياخشى ماسلىشالمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئۆلۈك ھەرىكەتنى كۆپ قىلىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشى 75% تىن كۆپرەكىنى ئىگەلەيدۇ. 1/3 بىمارنى ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش مۇستەقىللىقنى مەجبۇرلاش كېرەك. بەزىلىرىدە تۇتقاقلىق كېسىلى ۋە باشقا نېرۋا سىستېمىلىرىدا روشەن بولغان نورمالسىزلىقلار ئانچە - مۇنچە ئەگىشىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ ئىككى ئايدىن كېيىنمۇ كۈلمىگەنلىكىنى، ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسىنىڭ ناچارلىقىنى بايقىغاندا، باشقا گۆدەكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئەگەر دوستىلىرى بىلەن ئويناشنى خالىمىسا، چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراشنى خالىمىسا، تىلى ئاددىي بولسا، دائىم بىرەر سۆزنى قايتىلاپ دېسە، ئۆلۈك تىل ياكى ئۆز - ئۆزى سۆزلەپ كەتسە، ئىجتىمائىي پائالىيەتتىكى ئىپادىسى نورمال بولمىسا، بالىنى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان دەپ پەرەز قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە