UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىككى ياشلىق بالىلارغا ساناق ساناشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

ئىككى ياشلىق بالىلارغا ساناق ساناشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار تەخمىنەن ئىككى ياشقا كىرگەندە ئاستا - ئاستا سان بىلەن شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ، ساناق ساناشنى ئۆگىتىش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولۇپ، پەقەت ئېغىزدا <5، 4، 3، 2، 1> قاتارلىقلارنى ساناشنى ئۆگىتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ساناق ساناشنى ئۆگىتىش بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەتسىڭىز، نۇرغۇنلىغان ئەپچىل ئۇسۇللارنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا پەلەملەيدىن چۈشكەندە پەلەمپەينى سانىسىمۇ، خەلق مەيدانىدا خىشنى سانىسا، يول ماڭغاندا يول بويىدىكى دەرەخلەرنى سانىسىمۇ بولىدۇ. بىراق ئاتا - ئانىلار چوقۇم سەۋرچان بولۇشى كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بالىلار تەبىئىيلا ساناق ساناشنى ئۆگىنىپ، سىزگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا سىز پەخىرلەنگەن ھالدا <مېنىڭ قوزام تۇيۇقسىز ساناق سانىيالايدىغان بوپتۇ> دەپ قالىسىز
← بارلىق تېمىلار نەمە