نېمە ئۈچۈن بالىلار شاكىلاتنى كۆپ يېسە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
شاكىلات كوكا پۇرچىقىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەنگەن شېكەرلىك يېمەكلىك. ئۇنىڭ تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، چوڭلار ۋە بالىلار ئۇنى تولىۇ ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، شاكىلات ۋىتامىنلىق يېمەكلىك تەرىقىسىدە بالىلارغا كۆپ بېرىلسە، پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل ۋىتامىنلارغا بولغان ئېھتىياجى مەلۇم نىسبەت بويىچە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسىل 10 - 15 پىرسەنتىنى، ماي 30 - 35 پىرسەنتىنى، شېكەر 50 - 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىش كېرەك. شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ نىسبىتى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق نىسبىتىدىن خېلىلا يىراق، ئەگەر كۆپ يېيىلسە، ئادەم بەدىنىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ نىسبىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ - دە، بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ھاجەتسىز ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى ئەكېلىدۇ.
مەسىلەن، شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە ماي بىلەن شېكەر بەك كۆپ. ئەگەر شاكىلاتنى بەك كۆپ يېسە، ھەددىدىن زىيادە ماي ۋە شېكەر ئادەم بەدىنىدە مايغا ئايلىنىدۇ - دە، بالىلارنى سەمرىتىۋېتىدۇ.
يەنى ئالايلى، شاكىلاتتىكى تېئوبرومىن، كوففېئىننىڭ يۈرەكنى كۈچەيتىش ۋە چوڭ مېڭىنى جنلاندۇرۇش رولى بار. ئەگەر بالىلار شاكىلاتنى كۆپ يەۋەتسە، جىم تۇرالماس بولۇپ قالىدۇ؛ چوڭلار شاكىلاتنى كۆپ يېگەندىن كېيىن ئۇيقۇسى قېچىپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، شاكىلات بەك تاتلىق بولغاچقا، بەك كۆپ يېسە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، بالىلارنىڭ تاماق يېگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەك تاتلىق يېمەكلىك ئېغىز پۇراش ۋە چىشقا قۇرت چۈشۈش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلار ئۆسۈۋاتقان مەزگىلىدە ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى ئاقسىل، ئەمما شاكىلاتتا ئاقسىل مىقدارى ناھايىتى ئاز.
بۇنىڭدىن مەيلى بالىلار بولسۇن، ياكى چوڭلار بولسۇن، شاكىلاتنى كۆپ يېسە بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.