كۈرەشچى ئايروپىلان قانداق بارلىققا كەلگەن؟
نېمە ئۈچۈن
ئايروپىلاننى 1903 - يىلى ئاكا - ئۇكا ۋارايتلار كەشىپ قىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئايروپىلاننىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى قىممىتىنى ناھايىتى تېزلا ھېس قىلىشتى. 1909 - يىلى، ئامېرىكا تۇنجى ھەربىي ئايروپىلاننى قۇراشتۇرۇپ چىقتى. ئەمما، ئەينى چاغدىكى ئايروپىلان ئېگىز ئۇچالمىغاننىڭ ئۈستىگە سۈرئىتىمۇ ئاستا بولۇپ، سائىتىگە تەخمىنەن 50 كىلومېتىرلا ئۇچالايتتى.
دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەربىي ئايروپىلان ئاساسلىقى رازۋېدكا قىلىش، توشۇش ۋە خەت - ئالاقىلەرنى يەتكۈزۈشكە ئىشلىتەلەيتتى، بەزى چاغلاردا ئاز مىقداردا بومبىلارنى ئېلىپ يۈرۈپ، بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئادا قىلاتتى. 1911 - يىلى، مېكسىكىدىكى بىر مەيدان ئۇرۇشتا، جەڭ قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئاسماندا تاپانچا بىلەن ئېتىشتى. بۇ تارىختا تۇنجى قېتىملىق ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئېتىشىش ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى ئايروپىلانغا قانداق قىلىپ قورال سەپلەش توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى.
1914 - يىلى، قرانسىيە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ھەقىقىي ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ياساپ چىقتى. بۇ خىل ئايروپىلانغا ئىككى ئۇچقۇچى چىقىدىغان بولۇپ، بىرى ھەيدەشكە، يەنە بىرى پىلىموت ئېتىشقا مەسئۇل ئىدى. نەتىجىدە، فرانسىيە ئۇچقۇچىلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانىنى پىلىموت بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ھاۋا ئۇرۇشىدا بىرئۈلگە يارىتىپ بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي ئايروپىلانغا مۇقىم پىلىموت ۋە ئاپتوماتىك ئاتالايدىغان ئاۋىئاتسىيە زەمبىرىكى ئورنىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھاۋا بوشلۇقىدا ھەقىقىي ئېلىشالايدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان بارلىققا كەلدى.
ھازىر كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋادا ئۇرۇش قىلىشتىكى ئاساسلىق قورالى يەنىلا ئاۋىئاتسىيە زەمبىرىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئېتىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، تاق ئىستوۋۇلىنىڭ ھەر مىنۇتىغا ئاتالايدىغان ئوقى 1000 پايدىن كۆپ بولۇپ، ئادەتتىكى زەمبىرەكلەرنىڭ ئېتىش سۈرئىتىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى، ئۇنىڭدىن سىرت نۇرغۇن كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا يەنە ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورنىتىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىشىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.