UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھەرگىزمۇ سۈت ئېمىش بىلەن ئۇخلاشنىلا بىلىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار بەلگىلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ بولغان بولىدۇ. بوۋاقلار ھامىلە مەزگىلىدىلا ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ دەل بالا تەۋرەشتۇر. تۇغۇلغاندىن كېيىن بوۋاقلار ئەركىن ھەرىكەتلىنىدىغان بوشلۇققا ئېرىشىپ تېخىمۇ ئۈستۈن ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەم ھەرىكەت قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قولىنى ئېغىز يېنىغا ئەكىلەلەيدۇ ھەم ئېغىزغا سېلىپ شورايدۇ. پۇت - قولىنى سوزۈپ يىغىش ھەرىكىتى قىلالايدۇ. ئانا بوۋاققا گەپ قىلغاندا بوۋاق كەينى - كەينىدىن بېشىنى بۇراش، تىكىلىپ قاراش، بىلىكىنى ئېگىز كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. بوۋاق ئەمگەندە قولى بىلەن ئانىنىڭ ئەمچىكىگە ئۇرىدۇ بەزىدە ھەتتا ئانىنىڭ ئاغزىغا تەگكۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، ھەرىكىتى بىر ئاز ئاستا، بەلگىلىك مەقسەتسىزلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. بىراق چوڭ مېڭە پوستلاق ماددىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاق بارا - بارا ھەرخىل يېڭى ھەرىكەتلەر ھەم ماھارەتلەرنى ئىگىلىۋالىدۇ. كۈندىلىك مەشىق بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارى يېتىلىشىنى بەلگىلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا، بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىلا بوۋاققا نىسبەتەن ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى باشلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki