UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن تارقىلىشچان زۇكام بىلەن زۇكام بىر ئىس ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن تارقىلىشچان زۇكام بىلەن زۇكام بىر ئىس ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام بىلەن زۇكام بىر خىل كېسەللىك، زۇكام يۇقۇملىنىپ تارقىلىدۇ، كېسەل ناھايىتى ئېغىرلاشقاندا، تارقىلىشچان زۇكامغا ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. روشەنكى، بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، تارقىلىشچان زۇكام بىلەن زۇكام ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل كېسەل. ئالدى بىلەن، ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ۋىرۇسلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام جىددىي خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەسىللىك ھالدا قوزغىلىدۇ، ھەر يىلى 10 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 3 - ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. زۇكامدا بولسا بىر خىل كېسەللىك ۋىرىسۇ بىلەن يېنىك دەرىجىدە يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، پەسىل خاراكتېرى بولمايدۇ، كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىلرەك بولۇپ، يىل بويى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنىڭ يىىغا ئىككىدىن تۆت قېتىمغىچە زۇكام بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.. كېسەللىك ئالامىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا، تارقىلىشچان زۇكام تېز قوزغىلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولۇپ، تەرققىياتى تېز بولىدۇ، ئاساسلىق ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ: قىزىيدۇ، قىزىتمىسى ئۆرلەيدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ، گېلى، بېشى ئاغرىيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بەدىنى تېلىپ ئاغرىيدۇ، تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ ۋە زۇكامغا ئوخشاش بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. زۇكامنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى مۇنداق بولىدۇ: گېلى قىچىشىدۇ، بۇرنى ئېتىلىپ قالىدۇ ۋە ماڭقا ئاقىدۇ، بەك قىزىپ كېتىش ۋە پۈتۈن بەدىنى تېلىپ ئاغرىش ئەھۋاللىرى ئازراق كۆرۈلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاشمايدىغىنى شۇكى، زۇكام بولۇپ قالغان كىشى ئادەتتىكىدەكلا تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلالايدۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ساقىيىپ قالىدۇ. زۇكام دورا يېمىسىمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ئادەتتە ھېچقانداق ئاقىۋەت ئەكەلمەيدۇ. ئەمما تارقىلىشچان زۇكامنى جەزمەن داۋالاش كېرەك، بولمىسا ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە كېلىپ تارقىلىشچان زۇكام پارتلاش خاراكتېرىدە تېز يۇقىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن تارقىلىشچان زۇكام بىلەن زۇكام بىر ئىس ئەمەس؟ | UyghurWiki | UyghurWiki