نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەم ماڭالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ماشىنا ئادەم خىزمەت قىلغاندا، دائىم مېڭىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئادەم ئىككى پۇتىغا تايىنىپ يول ماڭىدۇ، ئۇنداقتا، ماشىنا ئادەم قانداق ماڭىدۇ؟
ماشىنا ئادەم ئەڭ دەسلەپتە، چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ ماڭاتتى، لايىھىلىگۈچىلەر ماشىنا ئادەمنىڭ بىلىكىنى ئۈچ ياكى تۆت چاقلىق كىچىك ماشىنىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قوياتتى، ماشىنا ماڭسىلا، ماشىنا ئادەمنىڭ بىلىكىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنەتتى.
چاقلىق ئورۇندۇقتا تۈز يەرلەردە ناھايىتى بىمالال ماڭالمىسىمۇ، بىراق بىنالارغا چىقىشى تەس ئىدى. كېيىن، لايىھىلىگۈچىلەر قۇرت قاتارلىق جانلىقلارغا تەقلىد قىلىپ، تۆت ياكى ئالتە پۇتلۇق <كۆپ پۇتلۇق ماشىنا ئادەم> نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ خىل ماشىنا ئادەم يول مېڭىشتا، پەلەمپەيگە چىقىشتا قىينالمىسىمۇ، ئۇنىڭ پۇتى كۆپ بولغاچقا، بەزى چاغلاردا ھەرىكەتلىرى بىر - بىرىگە ماسلاشماي قالاتتى.
كېيىنچە لايىھىلىگۈچىلەر بىر قانچە خىل ماڭالايدىغان ماشىنا ئادەمنى، مەسىلەن، قۇرۇلۇش قىلىدىغان ماشىنا ئادەم ۋە يىلانسىمان ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى؛ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ماشىنا ئادەم قول - پۇت بارماقلىرىغا تايىنىپ ئېگىزگە يامىشالايدۇ، يىلانسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ تېنى يىلانغا ئوخشاش بولۇپ، تېنىنىڭ يىغىلىش ۋە ئۆزگىرىشىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلالايدۇ.
بۇنداق مېڭىش ئۇسۇللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەمنىڭ مېڭىش ئۇسۇلى ئەڭ مۇقىم ھەم جانلىق بولىدۇ. ھازىر ئادەملەرگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان، ئىككى پۇتلۇق ماشىنا ئادەم دۇنياغا كەلدى. ئالىملار كەلگۈسىدىكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ ئەپچىل، تېخىمۇ تېز ماڭالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلماقتا.