UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى بېلىقنىڭ دۈمبىسى قارا، قورسىقى ئاق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى بېلىقنىڭ دۈمبىسى قارا، قورسىقى ئاق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بېلىقلارنى دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغان بولسىڭىز، كۆپ ساندىكى بېلىقنىڭ دۈمبىسىنىڭ رەڭگى قورسىقىنىڭكىدىن خېلىلا قېنىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. مەسىلەن، دەريا، كۆللەردە ياشايدىغان بېلىقلارنىڭ دۈمبىسى قوڭۇر قارامتۇل بولىدۇ؛ دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىقلارنىڭ دۈمبىسى كۆكۈچ قارامتۇل بولىدۇ. لېكىن مەيلى تاتلىق سۇدا ياشايدىغان بېلىقلار بولسۇن، ياكى دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىقلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قورسىقى ئاق ياكى ئاقۇچ بولىدۇ. بۇنداق رەڭ پەرقىنىڭ بېلىقلارنىڭ ياشىشىغا قانداق ياردىمى بار؟ سۇدا ياشايدىغان بېلىقلار ئۈزگەندە دۈمبسىنى يۇقىرىغا، قورسىقىنى تۆۋەنگە قىلىپ ئۈزىدۇ. كۈن نۇرى سۇ يۈزىگە چۈشكەندە، سۇنىڭ ئاستىدىن يۇقىرىغا قارىسا، سۇ يۈزى ئاپئاق كۆرۈنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، بېلىقلارنىڭ ئاق قورسىقى بىلەن كۈن نۇرى چۈشكەن سۇ يۈزىنىڭ رەڭگى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، چوڭقۇر سۇ ئاستىدىكى چوڭ بېلىقلار ئۇلارنى ئاسان بايقىيالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا، سۇنىڭ رەڭگى ناھايىتى قېنىق كۆرۈنىدۇ، بۇ بېلىقلارنىڭ دۈمبىسىنىڭ رەڭگى بىلەن چوڭ پەرق قىلمايدۇ، شۇڭا ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن بېلىقخور قۇشلار سۇ يۈزىگە يېقىنلىشىپ ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارنى ئاسان بايقىيالمايدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپ ساندىكى بېلىقلارنىڭ دۈمبىسى قېنىق رەڭدە، قورسىقى ئاقۇچ رەڭدە بولۇشى بېلىقلارنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى بېلىقنىڭ دۈمبىسى قارا، قورسىقى ئاق بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki