UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا سۆزنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟

بالىلارغا سۆزنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كۈندىلىك سۆھبەت ۋە ھېكايە بايان قىلىش جەريانىدا بالىلار چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرگە قارىتا ئائىلە باشلىقلىرى مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان سۆزلەر بالىلارغا ئازراق ئۇچرايدىغان سۆزلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن: <مەدەنىيەت، ئەخلاق> <يۆلەش، ياللاپ مېڭىش، ئىشىنىش>، <قوپاللىق قىلىش، چېچىلىش> … دېگەندەك سۆزلەر. بالىلارغا سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرگەندە، چوڭقۇرلۇقتىن يۈزەكىلىككە قاراپ چۈشەندۈرگەندە، بالا ئوڭاي چۈشىنىدۇ. ئەگەر بالا چۈشىنىشكە ئامالسىز قالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا <چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ قالىسىز> دېسە بولىدۇ، بالا <ئەخلاق دېگەن نېمە؟> دەپ سورىغاندا، مۇنداق جاۋاب بەرسە بولىدۇ. <ئەخلاق - كۆپچىلىك رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان تەرتىپ بولۇپ، ئاممىۋى سورۇندا قالايمىقان تۈكۈرۈشكە، چوڭلارغا ئەدەبسىزلىك قىلىشقا، نەرسە - كېرەكلەرنى ئوغرىلاشقا بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىز ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئەخلاقسىزلىق ناھايىتى ناچار قىلمىش> بالىغا سۆز مەنىسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئىمكانقەدەر ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى، بالا ئىمكانقەدەر سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ھېس قىلىش كېرەك. مەسىلەن: بالىغا <قارىغاي> دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندا، بالىنى باشلاپ، قارىغاينى كۆرسىتىپ، ئۇنى قارىغاينى تەپسىلىي كۆزىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. سەزگۈ ئارقىلىق تەسىر قالدۇرغاندىن كېيىن ئېسىدە ناھايىتى پۇختا قالىدۇ. يەنە <يۆلەش> دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرسە، بالا ناھايىتى تېز چۈشىنىۋالالايدۇ. يەنە <قويۇق> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: دەرەخ يوپۇرماقلىرى قويۇق، زىچ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بالىنى ئەگەشتۈرۈپ سەيلى قىلغاندا، بالىغا قويۇق دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى كۆرسىتىپ، <قۇياشنى كۆردىڭىزمۇ؟> دەپ سورىغاندا، بالا <كۆرمىدىم؟> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا <نېمىشقا كۆرمىدىڭىز> دېگەن سوئالغا، بالا <دەرەخ يوپۇرماقلىرى قويۇق ئىكەن> دەپ جاۋاب بېرىدۇ، مۇشۇنداق كونكرېت مەنزىرىلەر ئارقىلىق، بالىلار سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىگىلىۋالالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارغا سۆزنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki