UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سۈت بېزى ياللۇغىنى قانداق كۈتىمىز؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سۈت بېزى ياللۇغىنى قانداق كۈتىمىز؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەمچىكىدە ئىششىق كۆرۈلۈپ، گاھىدا سۈتتەك سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقسا، بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەمچىكىدە فىزىئولوگىيىلىك ئىششىش كۆرۈلگەندە ئاتا - ئانىلار قول بىلەن بېسىپ سىيلاپ، باكتېرىيىنىڭ ئەمچەككە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سۈت بېزى قىزىرىپ ئىششىش، ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى ئەمچەك قىزىرىپ ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش، ئېغىر بولغانلىرىدا سۈت بېزىدە يىرىڭلاش كۆرۈلىدۇ. بوۋاقتا يەنە بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاش، تاماقتىن قېچىش ۋە ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ ھەتتا سېپتىتسېمىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە لۆڭگە بىلەن ئىسسىق تۇتۇش، شۇنداقلا ئاكتىپ تەكشۈرتۈش، ۋاقتىدا داۋالاپ سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاتا - ئانىلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئەمچىكىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشىغا باغلىق بولۇپ، قول بىلەن ئەمچەكنى بېسىپ سىيلىماسلىق، باكتېرىيىنىڭ ئەمچەككە كىرىپ كېسەللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە