بالىلارنىڭ چىشى داۋاملىق چىقىۋېرەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن يەنە ئۈچ - تۆت ئايلىق بولغاندىمۇ يەنە چىش چىققانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا - ئانىلار بالىسىدا كالتسىي كەم بولۇپ قېلىپ، چىش چىقمىغانمىدۇ دەپ ئەنسىرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتا - ئانىلار ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ بىرخىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، بالىلار بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن چىش چىقىش سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلايدۇ. كىچىك بالىلار ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن يەتتە ئايلىققىچە بولغاندا چىش چىقىشقا باشلايدۇ، بىر ياشقا كىرگەندە (يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە) سەككىز تالدىن ئون تالغىچە سۈت چىش چىقىپ بولىدۇ، بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغاندا (بىر يىل ئىچىدە) يەنە سەككىز تال چىش چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىشنىڭ چىقىشىمۇ داۋاملىشىۋەرمەيدۇ. بىر مەزگىل دەم ئالىدىغان باسقۇچى بولۇپ، ئادەتتە بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن يەنە تۆت - بەش ئاي ئەتراپىدا توختاپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن چىققان چىشنى كۆرگىلى بولمايدۇ.