UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغانداقانداق كۈتۈش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغانداقانداق كۈتۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرگەندىكى كۈتۈشتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: 1. كېسەللىك سەۋەبىنى تۈگىتىش. سۈت ئېمىتىش ئەسۋابلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيىسىنى كۈچەيتىش، ئانا شەخسىي تازىلىقىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە كۈتۈشنىڭ ئالدى - كەينىدە قولىنى پاكىز يۇيۇش. 2. يېمەك - ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئېمىتىش لېكىن قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئازايتىش. ئەمما ئىچى سۈرۈشى ئېغىر ياكى پات - پات قۇسىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق سۈتنى توختىتىش كېرەك. 3. پەرۋىشنى كۈچەيتىش. ئىچى سۈرۈپ قالغان بوۋاقنىڭ قورساق قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، يەنى كىندىكىنى ئوراپ قوغداش، قورساق قىسمىدىن سوغۇق ئۆتۈپ ئۈچەي ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، ئىچى سۈرۈش ئېغىرلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش. شۇنداقلا پات - پات زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە قايناق سۇغا چىلاش، يۇقىرىغا ئۆرلەشچان سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىشنىڭ، زاكا ئەسۋەسى ۋە كاسا قىسمى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر قېتىملىق تەرەتتىن كېيىن كاسا، يىرىق ۋە مەقئەت ئەتراپىنى ئىلمان قايناق سۇدا يۇيۇش ھەم دېزىنفېكسىيىلەنگەن بېلىق مېيى بىلەن مايلاپ، مەقئەت ئەتراپى تېرە شىللىق پەردىسىنى قوغداش كېرەك. 4. مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش. ئەگەر روشەن ھالدا باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغان بولسا بالدۇرراق دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋاقتىدا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش. ئەگەر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ياكى ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئىچ سۈرۈش بولسا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك. ⑤ زەن قويۇپ كۆزىتىش. ئەگەر ئىچ سۈرۈش ئېنىق بولسا ھەم سۇدەك تەرەت كەلسە، ئوزۇقلىنىش ناچار، بىئاراملىق، سۈيدۈك مىقدارى ئازلاش كۆرۈلسە بۇ ئىچ سۈرۈش بىلەن بىللە سۇسىزلىنىش بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغانداقانداق كۈتۈش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki