نېمە ئۈچۈن ئېكۋاتور ئەتراپىدا قارلىق تاغلار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئېكۋاتور يەر شارىدىكى كىلىماتى ئەڭ ئىسسىق رايون ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر كىشى: ئېكۋاتور رايونىدىكى ئېگىز تاغلارنى يىل بويى ئېرىمەيدىغان قار دۆۋىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى بەزىدە ئۇ يەردە ئادەملەر توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ دېسە، سىز چوقۇم غەلىتىلىك ھېس قىلىسىز. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن مەۋجۇت. <ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا> دەپ ئاتىلىدىغان كىلىمانجارو تاغ تىزمىسى ئېكۋاتور سىزىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىنى يىل بويى قېلىن قار قاپلاپ تۇرىدۇ. دائىملىق ھاۋا تېمېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ.
تەبىئەت دۇنياسىدا، تاغ قانچە ئېگىز بولسا، تاغ چوققىلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، تېمپېراتۇرا پەرقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب تاغ چوققىلىرىدىكى ھاۋا ئۇچرايدىغان ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە يەر يۈزىدىكى ھاۋا ئۇچرايدىغان ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيىگە قارىغاندا كۆپ ئاجىز بولغانلىقىدا، ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە بولسا، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ قۇياش رادىئاتسىيىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە يەر يۈزى قۇياشنىڭ قىسقا دولقۇنلۇق رادىئاتسىيىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن چىقىرىدىغان ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كۈندۈزى ئېكۋتوردىكى قۇياش رادىئاتسىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، يەر يۈزى قۇياشنىڭ قىسقا دولقۇنلۇق رادىئاتسىيىسىنى كۆپلەپ سۈمۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە تارقىتىپ، ئەتراپتىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. يەر يۈزىگە يېقىنلاشقانسېرى ھاۋا ئېرىشىدىغان ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە شۇنچە كۆپ بولىدۇ. تېمپېراتۇرىدىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەر يۈزىنىڭ ئېگىزلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋا ئۇچرايدىغان ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە بارغانسېرى ئازىيىدۇ، تېمپېراتۇرىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. كىلىمانجارو تاغ تىزمىلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5895 مېتىر، تاغ چوققىسىدىكى ھاۋا ئۇچرايدىغان يەر يۈزى ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيە ئىنتايىن ئاجىز، يەنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ، شۇڭا ئېكۋاتورغا جايلاشقان كىلىمانجارونىڭ تاغ چوققىلىرىدا ئاپئاق قارلار دۆۋىلىنپ ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.