UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن؟

سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن؟

نېمە ئۈچۈن تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە بەدىنى چوڭراقلىرىنىڭ ئۆمرى ھەممىدىن ئۇزۇن بولىدىكەن. مەسىلەن، شىرنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 30 يىل؛ ئېيىقنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 34 يىل؛ بېگېموتنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 41 يىل؛ كەركىداننىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 47 يىل بولىدىكەن. پىلنىڭ ئۆمرى ھەممىدىن ئۇزۇن بولۇپ، 69 يىلغا يېتىدىكەن. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەدىنى چوڭراق ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مەسىلەن شىر، ئېيىق، كەركىدان، پىل قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بەدىنى چوڭ، مىجەزى چۇس، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئوڭايلىقچە باشقا ھايۋانلارغا بوزەك بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلار يىرتقۇچلۇقتا تەڭداشسىز بولغاچقا، ئولجىلىرىمۇ كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،بۇ ھايۋانلارنىڭ بەدىنى چوڭ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتلىش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ. مەسىلەن، پىل بالىسىنىڭ سۈت ئېمىش ۋاقتى 20 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ.،18 ياشقا كىرگەندىلا ئاندىن ھسەققىي يېتىلىدۇ. پىل ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 120 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، بىراق، ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بەدىنى مەيلى چوڭ ۋە ياكى كىچىك ھايۋان بولسۇن، مۇنتىزىم بېقىش مۇھىتىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى سىرتقى مۇھىتتا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە