UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمۈشۈكئېيىقنى سۈنئىي كۆپەيتكىلى بولامدۇ؟

مۈشۈكئېيىقنى سۈنئىي كۆپەيتكىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۈشۈكېئيىقنى ھايۋانات باغچىسىدىكى ئەركە ھايۋان دېيىشكە بولىدۇ. مۈشۈكئېيىقنىڭ مىجەزى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنى بىقىش تەس بولۇپلا قالماي، كۆپەيتىش تېخىمۇ تەس. ھايۋانات باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىقنى كۆپەيتىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟ ئەسلىدە، تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇزاق ياشىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە قانۇنىيىتى بولىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدىكى ئەھۋال ئۇنىڭكىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا كۆرسىتىدىغان ئەكس تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ھەتتا ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيتىگە، بەدىنىدىكى ھەر قايىسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشىغا، شۇنداقلا نورمال كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۈشۈكئېيىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆپەيتىش ناھايىتى تەس ئىش، لېكىن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئوبدان بېقىش ئاچقۇچ. مۈشۈكئېيىقنى ياخشى بېقىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە خىزمەت. شۇنىڭدا ئالدى بىلەن مۈشۈكئېيىقنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۇرمۇش ئادىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىگىلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقق كۆرستىپ، سۈنئىي بېقىش شارائىتى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىقا، يېمەكلىك، يېتىپ - قوپۇش شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ، ساغلام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ بېقىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەندىلا، مۈشۈكئېيىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە