نېمە ئۈچۈن دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرى كان بايلىقلىرىنىڭ خەزىنىسى دېيىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكىنىڭ بىر دېڭىز - ئوكيان تەكشۈرۈش پاراخوتى چرلاش داۋامىدا، تىنچ ئوكياننىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئادەتتىكىگە ئوخشاشمايدىغان نۇرغۇن سۇلفىد بىرىكمىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. تەھلىل قىلىش ئارقىسىدا سۇلفىدلارنىڭ مېتاللىق بىرىكمىلىرى تەركىبىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، سىنك، مانگان قاتارلىق تۈرلۈك قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بارلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. بۇ بايقاش دېڭىز - ئوكيان ئالىملىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال قىلىۋېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىلا، كىشىلەر قىزىل دېڭىزنىڭ 2000 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى بىر ئازگالدا مول دېڭىز ئاستى ئالتۇن كېنىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇ كاندىكى ئالتۇنلارنىڭ ساپلىق دەرىجىسى قۇرۇقلۇقتىكى ئالتۇن كانلىرىدىن 40 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.
دېڭىز تېگىدە شۇنچە كۆپ ئالتۇن - كۈمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بولۇشى يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى. بىزگە مەلۇمكى، يەر پوستى بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان، ئىككى بۆلەك ئۆز ئارا بىر - بىرىگە قارشى تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلغاندا، يەر پوستىدا يېرىلىش پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا دېڭىز سۈيى يېرىق ئارقىلىق چوڭقۇر يەر قاتلىمىغا سىڭىپ كىرىپ، ماگمىلارنىڭ تەركىبىدىكى مېتال بار تۇز تۈلىرىنى ئېرىتىپ رودىلىق ئېرىتمىگە ئايلاندۇرغان. يەر قاتلىمىنىڭ چوڭقۇر جايلىرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ رودىلىق ئېرىتمە يەر قاتلىمىدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ۋولقان بولۇپ ئېتىلىپ چىققان. بۇ رودىلىق ئېرىتمىلەر ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، مېتال ئىئونى مېتال تۇزلىرى تەركىبىدىن ئايرىلىپ چىقىپ گۈڭگۈرت بىلەن قوشۇلۇپ، تەركىبىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، سىنك قاتارلىق مېتال مول بولغان گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى بولۇپ شەكىللىنىپ دېڭىز تېگىگە تىنىپ قالغان. يەنە ئون نەچچە مىليون يىللار ئۆزگىرىش ئارقىلىق، دېڭىز تېگىدە كۆپ خىل مېتاللىق گۈڭگۈرت بىرىكىمىلىرىنىڭ تىنمىسى پەيدا بولغان، مانا <بۇ دېڭىز تېگىدىكى تەركىبىدە كۆپ خىل مېتال بولغان لايىقلاردىن ئىبارەت>.