UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىل يۈكسىز ۋاقىتتا ئالدى چاقى قىيسىق تۇرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىل يۈكسىز ۋاقىتتا ئالدى چاقى قىيسىق تۇرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىز ئەگەر يۈكسىز ئاپتوموبىلنىڭ چاقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسىڭىز، ئۈستى تەرىپىنىڭ ھەمىشە سىرتقا ئازراق قىيسىق تۇرغانلىقىنى، تازا روشەن بولمىغان <دۈم كۆمتۈرۈلگەن 八خېتى> شەكلىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرسىز. ئاپتوموبىلغا يۈك قانچە كۆپ قاچىلانغانسېرى ئالدى چاقىنىڭ سىرتقا قىيسىيىش بۇلۇڭى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتموبىلنىڭ ئالدى چاقى تىك قىلىپ قۇراشتۇرۇلمىغان ھەمدە تەكشىلىكىمۇ ھاسىل قىلمىغان، ئاپتوموبىلغا ئادەتتىكىدەك يۈك بېسىلغاندا، ئالدى چاقىنىڭ سىرتقا قىيسىيىش بۇلۇڭى تەخمىنەن بىر گرادۇس بولىدۇ، بۇ يول يۈرگەندە بىخەتەرلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. ماشىنا زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرغاندا، ئادەتتە ئارىلىق قويۇلىدۇ، ئاپتوموبىل چاقىنىڭ بۇلى بىلەن ئوق قازان ئوتتۇرىسىغىمۇ زاپچاس ئارىلىقى قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىل يۈكسىز تۇرغاندا، چاقى يەر يۈزىگە تىك تۇرىدۇ، يۈك بېسىلغاندا بۇ زاپچاسلار ئارىلىقى يۈكنىڭ ئېغىرلىق بېسىمى بىلەن كىچىكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىل ئوقى (يەنە ئاپتوموبىل كۆۋرۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئېغىرلىق بېسىمىدىن ئېگىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەسلىدە يول يۈزىگە تىك تۇرغان ئاپتوموبىل چاقىنىڭ ھالىتى ئۆزگىرىپ يۇقىرى قىسمى ئىچىگە قىيسىيىپ كېتىدۇ. چاقىنىڭ ئۈستى قىسمى ئىچىگە قىيسايغاندا، ئون بىلەن چىڭىتقۇچى گايكىلار ئۇچرايدىغان سىرتقى كۈچىنىڭ تەسىرى چوڭلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى قىسقىرايدۇ، ئېغىرراق بولغاندا چىڭىتقۇچى گايكىلار بۇزۇلۇپ كېتىپ، ئاپتوموبىل چاقىنىڭ چىقىپ كېتىشىدەك ئېغىر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىدىكى سەۋەبتىن باشقا يەنە، ئادەتتىكى تاشيوللارنىڭ ئوتتۇرىسى ئېگىز، ئىككى تەرىپى پەس ئەگمە شەكلىدە بولۇپ، بۇ يامغۇر سۈيىنىڭ يولدا يىغىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. ئاپتوموبىل ئالدى چاقىنىڭ سىرتقا قىيسىق بولۇشى يول بىلەن ماسلاشقان بولۇپ، ئاپتوموبىل چاقىنى يولغا ئەڭ زور دەرىجىدە يېپىشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە