UyghurWiki›نەمە›بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە ئانتىبىئوتىكلار (كېسەلـگە قارشى تۇرغۇچى دورا) نى ئىشلىتىشنىچەكلەش كېرەكمۇ؟
بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە ئانتىبىئوتىكلار (كېسەلـگە قارشى تۇرغۇچى دورا) نى ئىشلىتىشنىچەكلەش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تېتراتسىكلىننىڭ سۈتتىكى مىقدارى ناھايىتى كۆپ، سۈت بىلەن بىرىككەن كالتسىينىڭ تىنىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن بەزى بالىلار ناھايىتى ئاز مىقداردا قوبۇل قىلىدۇ. بىراق بۇ يەنىلا چىشنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىش، چىشنى قۇرت يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا، بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا بۇنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، خلورومىتستىن سۈت ئارقىلىق بالا تېنىگە كىرىپ، بوۋاق يىلىكىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۈل رەڭ بوۋاق سىندورومىنى پەيدا قىلىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك. سۇلفامېتوكسازولنىڭ گەرچە سۈتتىكى مىقدارى ئاز بولسىمۇ، بىراق سېرىقلىق چۈشۈش خەتىرىنى قوزغاپ قويىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا سېرىقلىق چۈشكەندە، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. بالا ئېمىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىشلەتمەسلىك كېرەك، رىمىفون ئانا تېنىگە كىرگەندىن كېيىن بىر قاتار ماددا ئالمىشىشلار ئارقىلىق سۈتكە كىرىپ، بالىنىڭ ئوتتۇرادەرىجىلىك زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇنىمۇ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. سترېپتومىتسىن سۈت ئارقىلىق بالىنىڭ ئاڭلاش نېرۋىلىرى ۋە بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، قۇلىقى پاڭ بولۇپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.