بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار سۇتولۇقلاش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىز ھەممىمىز سۈتنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇڭا ئانا بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئۆزىگە سۇ تولۇقلاپ، سۈتنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئادەتتە ئالتە ئايدىن چوڭ بولغان بالىلار بىركۈندە تەخمىنەن بىر لىتىر سۈت ئىچىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 90% ى سۇ. شۇڭا ئانىلار كۈندە بىر مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچىشى، لېكىن كۆپ ئىچىۋەتمەسلىك كېرەك. ئەمەلىيەت بىر غەلىتە ھادىسىنى ئىسپاتلىدى، زىيادە قوبۇل قىلىنغان سۇيۇقلۇق سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ سۇ تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ سۈت ئاجراتقۇچى ھورمۇنلار ئەگەر قوبۇل قىلغان سۇ يېتەرلىك بولمىسا، بەدەنگە سۇ ساقلىشىپ بېرىدۇ، سۇنىڭ ئازلىشىغا ئەگىشىپ، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا ئانا چوقۇم سۇ كەم بولۇشنىڭ ئالامىتىنى بايقايدۇ. مەسىلەن: چارچىغاندەك ھېس قىلىدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ، قاتتىق ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىدۇ، تىلى قۇرۇپ، لەۋلىرى يېرىلىدۇ. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ئالما شىرنىسىنىڭ رەڭگىدە كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەندە سۇ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنىڭ ئالامىتى.