ھامىلىدار ئاياللار چۈش ۋاقتى ئۇخلىسا پايدىسىبارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى ھامىلىدار ئەمەس ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ، چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن پايدىسى بار. چۈشلۈك ئۇيقۇ بىر سائەت ئەتراپىدا بولسا پايدىلىق، ئارتۇق ئۇخلاپ كەتسە شۇ كۈندىكى كېچىلىك ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ مۇۋاپىق ئەمەس. چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئۇخلاش قىياپىتىگە دىققەت قىلىپ، ئەڭ راھەت قىياپەتتە ئۇخلاش، خالىغانچە ئولتۇرۇش، تايىنىش، يۆلىنىش، دۈم يېتىش قاتارلىق مۇۋاپىق بولمىغان شەكىلدە ئۇخلىماسلىق كېرەك.